«ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئاتمىش كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ساھابىلارنىڭ، ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى... قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.
Author: دوكتۇر ئابدۇراھمان رەئپەت پاشا
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئىسلام جان ئۇيغۇرى
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
«قۇرئان كەرىم ھەقىقەت» ناملىق بۇ كىتاپ ئىلىم- پەننىڭ ھەر-خىل ساھەلىرىدە ئىختىساسلاشقان 14ئىلىم پەن خادىملىرى بىلەن بولغان، ئىلمى سۆھبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ مۇددىئاسى ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىلىم-مەرىپەت ئۇگۇنىشكە پائال تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە تەبىئى پەن ھەقىقەتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدا ئاتالمىش «توقۇنۇش»نىڭ ھەزگىزمۇ يوقلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرى 1400يىل ئىلگىرى ئىشارەت قىلىپ ئوتكەن ئىلمى ھەقىقەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.
Author: شەيخ ئابدۇلمەجىد زەندانى
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئەبۇ ئەكرەم ئەھمەد
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
ساغلام ئەقىدە ناملىق بۇ ئەسەر ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز نىڭ سۆزلىگەن نۈتۈقلىرىدىن بولۇپ ئۇنىڭدا ئەھل سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىسىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئەمەل ۋە ئىبادەت ساغلام ئەقىدە بىلەن بولسا توغرا ۋە قوبۇل بولىدىغانلىقىنى،ئەگەر ئەمەل ۋە ئىبادەت باتىل ئەقىدە بىلەن بولسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئەمەل ۋە ئىبادەتنىڭ ھېچ ئەھمېيىتى يوقلىقىنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلى بايان قىلىپ بىرىدۇ.
Author: ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
Reveiwers: ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
Translators: ن.تەمكىنى
Publisher: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
«ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم پەتىۋالار» ناملىق بۇ كىتاپتا، شەرىئەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، پىسخىك ۋە كىشىلىك جەمىيەت قاتارلىق ساھالەرگە چىتىلىدىغان ئاياللارغا ئائىت مەسىلىلەرگە، داڭلىق ۋە ئىشەنچىلىك دىنى ئۆلىمالارنىڭ بەرگەن پەتىۋالىرى ۋە ھۆكۈملىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتاپچە ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىغا، بەزى مۇھىم مەسىلىلەردە ياردەمچى بولغۇسى.
Author: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتىتى
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئىسلام جان ئۇيغۇرى
Publisher: http://www.nurislam.cn
«پەزىلەتلىك ئەمەللەر» ناملىق بۇ كىتاپتا ئاپتۇر ئىسلام دىنىدىكى ئىبادەتلەر ئەقىلغا تايانماستىن ؛بەلكى قۇرئان ۋە ھەدىسگە ئاساسلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بەندىنى ئاللاھقا يىقىنلاشتۇرىدىغان، ئىنساننىڭ روھى ۋە مەنىۋىيىتىگە ۋاستسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەمەللەرنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چۈشەنچە بېىرىدۇ.
Author: پىغانى ئۇيغۇرى
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org